دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى تېررورچىلارنىڭ يەنە بىر كاتتىۋىشىنى ئۇجۇقتۇردى

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى چېگرا ھالقىغان نۇقتىلىق ھەرىكەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا.

1855801
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى تېررورچىلارنىڭ يەنە بىر كاتتىۋىشىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىم ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقى ئىززەتتىن ئىناننى ئۇجۇقتۇردى.

تېررورچى ئىنان ئىراقنىڭ شىمالىدا دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى.

تېررورچى ئىناننى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ گارادىكى ئالاھىدە خادىملىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

تېرورچى ئىناننىڭ تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن دۇخوك-گارا رايونىدا يىغىن ئېچىۋاتقانلىقى ئېنىقلىنىشى بىلەن تەڭ دەرھال ھەرىكەت باشلاندى. ئېلىپ بېرىلغان نۇقتىلىق ھەرىكەتتە ئىززەتتىن ئىنان ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تېررورچى ئىنان شىمالىي ئىراقتىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىدە ھالقىلىق روللارنى ئوينىماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر