سۈرىيەدە تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى
سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 20 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1852498
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىز، <زەيتۇن شېخى> ۋە <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا ناھايىتى زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ھۇزۇر ۋە ئامانلىق مۇھىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 20 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»