دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) يەنە بىر تېررورچى كاتتىۋاشنى  ئۇجۇقتۇردى

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەرىكىتى بىلەن بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئۇجۇقتۇردى.

1851547
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) يەنە بىر تېررورچى كاتتىۋاشنى  ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدىغان ئاتالمىش ​​پ ك ك-ھ پ گ كېڭەش ئەزاسى ۋە تەشكىلاتنىڭ ئاياللار قۇرۇلمىسى «YJA-STAR» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى، كود ئىسمى بەرفىن نۇرھاق ۋە ئەسلى ئىسمى <خانىم دەمىر> بولغان ئايال تېرورچى ئىراقنىڭ شىمالىدا دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)  تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغان.

تەشكىلات خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ ئورنى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دەرھال دېمىرغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان. تېررورچى دېمىر ۋە ئۇنىڭ پ ك ك ئەزاسى ھەمراھلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان.

تېررورچى دېمىرنىڭ 1990 - يىللىرىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قاتناشقانلىقى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تەشكىلاتنىڭ گارا ۋە سىنجاردىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى باشقۇرىدىغان دېمىرنىڭ تەشكىلات ئەزالىرىغا ئىدىئولوگىيەلىك ۋە قوراللىق تەربىيە بەرگەنلىكى مەلۇم.

2021 - يىلى دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT)  كود ئىسمى «سوفى نۇرەتتىن» ۋە ئەسلى ئىسمى  خالەف مۇھەممەد ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىۋېشىنى ئۇجۇقتۇرغاندىن كېيىن، تېررورچى دېمىرنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر