شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى تۈركىيە ھەققىدە بايانات بەردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ، «تۈركىيە ياۋروپا، روسىيە، ئىراق ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە ناتونىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئەزاسى» دېدى.

1845501
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى تۈركىيە ھەققىدە بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېنس ستولتېنبېرگ گېرمانىيەدە چىقىدىغان «Bild» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا بولغان ئەندىشىسىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئەزالىق ئىلتىماسلىرى بىز مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەكلىك تارىخىي بىر پەيت، ناتوغا قوشۇلۇش يالغۇز فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنىلا ئەمەس، ھەممىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ» دېدى.

ستولتېنبېرگ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پ ك ك نى تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ سىنىپقا ئايرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ستولتېنبېرگ، «تۈركىيە ياۋروپا، روسىيە، ئىراق ۋە سۈرىيە مەسىلىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئەزاسى. ھېچ بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزاسى دۆلەت تېررورلۇقتىن تۈركىيە كۆرگەندەك زىيان كۆرۈپ باقمىدى» دېدى ۋە بۇ ۋەجىدىن تۈركىيەنىڭ ئەندىشىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقلىرىنى شۇنداقلا بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر