ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «قىزىل لىنيە» تەسىس قىلىندى

ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن چىقالماسلىقى سەۋەبىدىن دۇنيا مىقياسىدا ئاشلىق كىرىزىسى يۈز بەرمەكتە.

1843884
ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «قىزىل لىنيە» تەسىس قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەب بولغان ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «قىزىل لىنيە» دىپلوماتىيەسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

پورت ئەتراپىغا ئورنىتىلغان مېنالار ۋە ئۇرۇش، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشلىغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبەتلىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىمقىسى ئۆتكەن ھەپتە ئەمەلگە ئاشتى.

ھۇلۇسى ئاكار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسى رېزنىكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار مەنسەپداشلىرىغا ئىنسانىي ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلاشماستىن، بالدۇرراق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇكرائىنا پورتلىرىدا ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئاشلىق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ يولغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش مەسىلىسى، رەھبەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈشۈشلەرنىڭ يەنە بىر كۈنتەرتىپ ماددىسى بولدى.

ھۇلۇسى ئاكارنىڭ باشچىلىقىدا مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئۈچ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ بىردىن خادىمى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان «قىزىل لىنيە» تەسىس قىلىندى.

گېنېرال مەرتىۋىسىدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خادىملار، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدۇ.

مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاشلىق كىرىزىسىنى بالدۇرراق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «ھەم رۇسىيە ھەمدە ئۇكرائىنا بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇۋاتىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ بەزى ئەندىشەلىرى بار. بىزمۇ ئوتتۇرىدىكى ئەندىشەلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدا ئۈمىدۋارمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر