شەنتوپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ياۋروپا پارلامېنتى قوبۇل قىلغان 2021 – يىللىق تۈركىيە دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
1839669
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەۋسىيە قارارى خاراكتېرلىك 2021 - يىللىق تۈركىيە دوكلاتىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە ياۋروپالىق بەزى سىياسىيونلارنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ھەقسىز تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتتىكى تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشالمايدىغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىمىز.»