مىنىستىر ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1834257
مىنىستىر ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئالاقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئەھمەد ئەلبوۋاردىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەتە ئەبۇزەبىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مەسىلىلەر، ھەربىي تەلىم – تەربىيە ھەمكارلىقى ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

مىنىستىر ئاقارنىڭ زىيارىتى، بىر تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلغان تۇنجى رەسمىي زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر