زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى رايونىدا يارىلانغان ئەسكەر شېھىت بولدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يارىلانغان بىر ئەسكەر دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

1829214
زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى رايونىدا يارىلانغان ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئونباشى ھايدار شەنەلنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «13-ماي يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئونباشى ھايدار شەنەل بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي شېھىت بولدى. بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدىكى بارلىق شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىلىرى، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە خەلقىمىزگە سەۋر تىلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر