تۈركىيە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىتۇرى ئۆلكىسى بىلاكېت-پىلىتۇ كان مەيدانىدىكى ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

1825143
تۈركىيە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ، ھۇجۇملاردا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى خەۋىرىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز بۇ ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، دوست كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورايمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتىلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى قوزغىلاڭچى گۇرۇپپا — كونگو تەرەققىيات ئىتتىپاقى (CODECO) ئەزالىرى يەكشەنبە كۈنى بىلاكېت ئۆلكىسىدىكى ئالتۇن كانغا ھۇجۇم قىلىپ، كەم دېگەندە 52 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولغانلىقى؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 ئايلىق بىر بوۋاقنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر