ئەردوغان تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ دېموكراتىك ئاساسىي قانۇننى بىز چىقىرىمىز، دېدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ دېموكراتىك ئاساسىي قانۇننىمۇ بىز چىقىرىمىز» دېدى.

1824805
ئەردوغان تېخىمۇ  ئەركىن، تېخىمۇ دېموكراتىك ئاساسىي قانۇننى بىز چىقىرىمىز، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە يۇقىرى سوت مەھكىمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 154 – خاتىرە يىلىدا سۆز قىلىپ: «بىز خەلقىمىزنى ھازىرقى سىياسىي ئۆزگىرىش ئاساسىي قانۇنىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز. تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ دېموكراتىك ئاساسىي قانۇننىمۇ بىز چىقىرىمىز... مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق قانۇنلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەسىنى كېڭەيتىدىغان شەكىلدە يېڭىلىدۇق. تىرىشچانلىقلىرىمىز سايىسىدا ئەدلىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر