شىمالىي سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ي پ گ نىڭ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تىنچلىق بۇلىقى، فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ئوق چىقارغان 12 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1823903
شىمالىي سۈرىيەدە تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان تېررورچىلارنى خەندەكلەرگە دەپنە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز. تىنچلىق بۇلىقى، فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىغا ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 12 تېررورچى كوماندىر جەڭچىلىرىمىزنىڭ غەلىبىلىك زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر