چاۋۇشئوغلۇ ب د ت مۇئاۋىن باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارتىن گرىفىتس بىلەن كۆرۈشتى.
1824222
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، (پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان) ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىگە مەسئۇل باش كاتىپى مارتىن گرىفىتس بىلەن كۆرۈشۈپ، 24-فېۋرال رۇسىيە ئۇرۇش ئاچقان ئۇكرائىنانىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ھەمدە تۈركىيە بىلەن ب د ت نىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.