ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس-گىرىنفىلىدنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1823550
ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىك ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «توماس-گىرىنفېلدنىڭ 9-ماي پىلانلانغان تۈركىيە زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، توماس-گىرىنفېلدنىڭ 9-مايدىن 10-مايغىچە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى «سۈرىيەنىڭ ۋە رايوننىڭ كەلگۈسىنى قوللاش 6-قېتىملىق بىريۇسسېل يىغىنى» دائىرىسىدىكى زىيارەت پروگراممىسىدا بولسا، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىلگىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا 8-مايدىن 9-مايغىچە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ۋە سۈرىيە چېگراسىغا بارىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان توماس-گىرىنفىلىد، «چېگرانى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق يېڭى ئەھۋالنى كۆرىمەن، بۇنداق بولغاندا چېگرا ئېغىزىنىڭ ئوچۇق قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوللىيالايمەن. باشقا ئېغىزلارنىڭمۇ ئېچىلىشى ئۈچۈن تىرىشىمەن. بۇ (چېگرا ئېغىزىنىڭ ئوچۇق قىلىشى) يالغۇز بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈنلا پايدىلىق بولماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق» دېگەن ئىدى.

توماس-گىرىنفېلد چېگرا ئېغىزى تاقىلىپ قالغان تەقدىردە، نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئەگەر چېگرا ئېغىزى تاقىلىپ قالسا، مىڭلىغان سۈرىيەلىك ئاچ قالىدۇ. ھېچكىشى بۇنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن مۇۋەپپەقىيەتكە  ۋە چېگرانى ئوچۇق تۇتۇشقا مەركەزلەشتىم. چېگرانى تاقاشنىڭ ھېچقانداق ھەققانىي ئاساسى يوق» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر