ئەردوغان ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

1823581
ئەردوغان ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچۇرىدا، «سۆيگۈ، ئەمگەك، پىداكارلىق ۋە رەھىمدىللىق قاتارلىق ئېسىل خىسلەتلەرنىڭ سىمۋولى بولغان ئانىلىرىمىزنىڭ، ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئەردوغان، «<جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا> دەپ، ئانىلارنى قەدىرلەيدىغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئانىلىرىمىز بىزگە نىسبەتەن ئەڭ شەپقەتلىك پاناھجايدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇچرىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«ئانىلىرىمىزنىڭ خەيرىلىك دۇئالىرىنىڭ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش كۈرىشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ مەنبەيىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. ئۇلارنى تېگىشلىك ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتتىن مەھرۇم قىلماسلىقىمىز كېرەك. بېشىمىزنىڭ تاجى بولغان ئانىلىرىمىزدىن تېلەيدىغىنىمىز؛ ئەۋلاتلىرىغا، ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىزگە قاراتقان خەيرىلىك دۇئالىرىنى  ۋە ئەمگەكلىرىنى كەم قىلماسلىقىدۇر. ھەر دائىم ھۆرمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىغا ھەقلىق بولغان، ئۆمۈرلىرىنى ئائىلىلىرىگە ۋەقىپ قىلغان، ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن شۇنداقلا ئاخىرەتكە كۆچكەن بارلىق ئانىلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش ۋە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر