ئىبراھىم قالىن يازغان «مەترۇك» مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى

سۆزلىرىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن يازغان «مەترۇك» مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

1823027
ئىبراھىم قالىن يازغان «مەترۇك» مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن سۆزلىرىنى ئۆزى تارتقان «‹مەترۇك› تاشلىۋېتىلگەن» ناملىق  فوتو سۈرەتكە ئاساسەن يازغان ئەسەرنىڭ مۇزىكىسى ئۈمىد يىلماز  تەرىپىدىن تەييارلاندى.

ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇ ئەسەر، Poll Production نىڭ YouTube قانىلى ۋە بارلىق دىگىتال مۇنبەرلەردە ھەمبەھىرلەندى.

ئۈمىد يىلماز، كەمال باشبۇغ رېژىسسورلۇق قىلغان مۇزىكا فىلىمىنىڭ مۇزىكا دېرىكتورى بولدى.

ئەسەردە باغلامادا، يىلماز يەنە باغلاما ۋە قوپۇز  بىلەن، گۇركان چاقماق دۈدۈك بىلەن، مۇرات سۈڭگۈ چەللو بىلەن، سەلاھەتتىن گۈزەلەل گىتتار بىلەن ۋە ئۆمەر ئارسلان پەركۈسيون بىلەن، ئىبراھىم قالىنغا جۈر  بولدى.

ئەسەردە يەنە، ئىبراھىم قالىن تارتقان فوتو سۈرەتلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر