پامۇكقەلئەنى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۈز مىڭلارچە كىشى زىيارەت قىلدى

دەنىزلىنىڭ ئەڭ جەزبىدارلىق ساياھەت مەركىزى پامۇكقەلئەنى4 ئاي ئىچىدە 240 مىڭ يەرلىك ۋا چەت ئەللىك مېھمان زىيارەت قىلدى.

1822504
پامۇكقەلئەنى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۈز مىڭلارچە كىشى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىن بىرى بولغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان پامۇكقەلئە، مېھمانلىرىنى كۈتۈۋېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مەدەنىيەت ۋە تارىخىي بايلىقلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان پامۇكقەلئەگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەنلەر، بۇ يەردىكى گۈزەللىكەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

زىيارەتچىلەر، ئاق ھاك چېچەكلىرى بىلەن پۈركەنگەن مەنزىرىلەر ۋە تارىخىي خارابىلىكلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ،  «كلېئوپاترا كۆلچىكى» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە ھەر پەسىلدە تېمپېراتۇرا 36 گرادۇس بولىدىغان قەدىمكى كۆلچەكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

بۇ رايوندىكى ئىسسىق ھاۋا شارى ۋە پاراشوتتىن سەكرەشمۇ، مىسلىسىز مەنزىرىنى كۆكتىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

پامۇكقەلئەنى، 2020-يىلى 1-يانۋاردىن 18-مارتقىچە 151 مىڭ 268 كىشى زىيارەت قىلدى.

بۇ رايون، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن، 19 – مارتتىن 1 – ئىيۇنغىچە تاقالدى.

پامۇكقەلئەنى، ئۆتكەن يىلى 1-يانۋاردىن 30-ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا 100 مىڭ 145 ساياھەتچى، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە بولسا، 240 مىڭ 883 ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر