ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىمۇ چەت دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھېيتنى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇردى.

1821912
ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چەت دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، روزا ھېيتنى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە تاجىكستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، كۆرۈشۈشتە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەھبەرلەر ئۆزئارا روزا ھېيتنى تەبرىكلىگەن.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھېيتنى تەبرىكلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر