ئەردوغان ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58-يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، شۇنداقلا باي مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق رەڭلىرى ئەكس ئېتىدىغان تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى-ت ر ت نىڭ، دۆلەتنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش خاتىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1821230
ئەردوغان ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58-يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ت ر ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ت ر ت باش مۇدىرى زاھىد سوباجىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

ئۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «دۆلەت ئاخباراتچىلىقىدا دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ت ر ت رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە تارقىتىشلىرىدىن باشقا، دىجىتال ۋە ئوخشىمىغان مۇنبەرلەردىمۇ يېڭىلىق ياراتماقتا. تۈركىيەنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، شۇنداقلا باي مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق رەڭلىرى ئەكس ئېتىدىغان تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى-ت ر ت، دۆلەتنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش خاتىرىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە» دېدى.

ئۇ ت ر ت نىڭ خەۋەرچىلىكتىن تەنتەربىيەگىچە، مۇزىكادىن ھۆججەتلىك فىلىمگىچە، بالىلار فىلىملىرىدىن مەدەنىيەتكىچە بولغان بارلىق قاناللىرى بىلەن ئۈلگە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارالىق قاناللىرى بىلەنمۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئاۋازى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدلىرىگە جاۋاب بەرگەن ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ت ر ت نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پىروگراممىلىرى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرىگە ئېرىشىشى، دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئايرىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزىنى ئىزچىل ھالدا يېڭىلاپ تۇرۇۋاتقان ت ر ت نىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلغان ئاخباراتچىلىق بىلەن سۈپەتلىك ۋە ئۆزىگە خاس لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ت ر ت ئائىلىسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى چىن قەلبىمدىن سالاملايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر