ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر قەھرىمان ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پو ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتىدە بىر ئەسكەر شەھىد بولدى.
1821006
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىدا 2022-يىلى 30- ئاپرېلدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋىلىنغان ۋە تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرى ئورۇنلاشتۇرغان پارتىلاتقۇچ بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە دەرھال دوختۇرخانىغا يوللانغانلىقى، لېكىن پۈتۈن تىرىشچانلىقلارغا قارىماستىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.