جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق ئۇچۇر ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە باشلىنىدىغان روزا ھېيتنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى تىلىدى.

1821083
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ھېتينىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك كۈچەيگەن، ئەزەلدىن ئەبەدكە ئىلگىرىلەۋاتقان قېرىنداشلىقىمىز يېڭىلانغان ئالاھىدە كۈنلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مىللىتىمىزنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن تېگى تەكتى، ئېتىقادى ۋە مەشرىپىنىڭ مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ روزا ھېيتنى 85 مىليون ئامما قۇچاقلاشقان ۋە ھالاللاشقان كاتتا قېرىنداشلىق بايرىمىغا ئايلاندۇرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇنىڭدا ئۇتۇققا ئېرىشكىنىمىزدە، ئارىمىزدىكى دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتكىنىمىزدە، بىز يېڭەلمەيدىغان ھېچبىر  قىيىنچىلىق قالمايدۇ» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«(ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى داۋام قىلىۋاتقان) پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى قاتارلىق بۇ ھېيت كۈنىدىمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مىللىتىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قەھرىمان بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزغا رەخمەت ئېيتىمەن. ئەزىز شەھىدلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن ئەسلەيمەن ۋە قەھرىمان غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلەن سالام بېرىمەن. ۋەتەنداشلىرىمىز  بىلەن بىرلىكتە چەتئەلدە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئىرقداشلىرىمىزنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. ھېيتىمىز مۇبارەك بولسۇن»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر