«ئەرەن قامال -2» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

ھاققارىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قامال -2» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1814281
«ئەرەن قامال -2» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ھاققارىدا «ئەرەن قامال -2» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى، بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە، 654 ھەربىي خادىمدىن تەشكىل تاپقان 42 ئالاھىدە ئەترەتنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <ئەرەن قامال> ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر