قالىن ئىستانبۇلدا ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1813723
قالىن ئىستانبۇلدا ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ ئىستانبۇل دولماباھچەدىكى ئىشخانىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشتا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، سۈرىيە، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەر، ھەمدە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مۇداپىئە ھەمكارلىقى، ئىككى تەرەپلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

قالىن، يىغىندىن ئىلگىرى يىغىندىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ، تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۆتمۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىگە، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ھەمدە تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق رامكىسى ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم قالىن بەزى مەسىلىلەردىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىغا قارىماي، نۆۋەتتىكى مۇناسىۋەتتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە مەنپەئەتنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى ۋىكتورىيا نۇلاندنىڭ تۈركىيە زىيارىتى بىلەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ مېخانىزمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق سودا سوممىسىنىڭ 30 مىليارد دوللارغا يېقىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، نىشاننىڭ 100 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

24 – فېۋرال رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان قالىن: «يېڭى دەۋرگە، سوغۇق ئۇرۇشقا قەدەم قويۇۋاتىمىز، بىز ئۇنىڭ كەلگۈسى تەسىرىگە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. چوقۇم يېمەكلىك، ئېنېرگىيە، تور بىخەتەرلىكى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلارغا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە تەرەپلەرنى ئانتاليا ۋە ئىستانبۇلدىكى ئىككى مۇھىم يىغىندا كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، سۆھبەتلەردىن كېيىن ئۈمىد پەيدا بولغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ بىر قەدەر قىيىنلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ھازىرمۇ ئىككى تەرەپنى سۆھبەت ئۈستىلى ئەتراپىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىچارد شېلبىمۇ: «تۈركىيە ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دوست، بىز سودا، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەر ئارقا كۆرۈنۈشىدە بۇ دوستلۇقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە كەلدۇق. تۈركىيە بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ ناتونىڭ سادىق ئەزاسى. بۇ بىز ھۆرمەتلەيدىغان ئەھۋال» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر