بۈگۈن 1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلىنىدۇ

بۈگۈن (2022-يىلى 18-مارت) 1915چاناققەلئە كۆۋرۈكىدە 18-مارت چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 107-يىللىقىدا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراكىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1797895
بۈگۈن 1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن 1915چاناققەلئە كۆۋرۈكىدە 18-مارت چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 107-يىللىقىدا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراكىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇزۇنلۇقى 4 مىڭ 608 مېتىر كېلىدىغان 1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكى بىلەن، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرى ئارىسىدىكى ئۆتۈش ۋاقتى ئالتە مىنۇتقا چۈشىدۇ.

 چاناققەلئە ۋىلايىتىنىڭ لاپسەكى ۋە گەلىبولۇ ناھىيەلىرى ئارىسىغا جايلاشقان كۆۋرۈكنىڭ كابىلىدا يەر شارىنىڭ ئەتراپىنى تۆت قېتىم ئايلىنىشقا يېتىدىغان 162 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان پولات ئارقان ئىشلىتىلدى.

كۆۋرۈكنىڭ 2 مىڭ 23 مېتىرلىق ئوتتۇرا قىسمى جۇمھۇرىيەتنىڭ 100-يىللىقىغا، 318 مېتىرلىق پولات مۇنارلىرى چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى قولغا كەلگەن 1915-يىلى 18-مارتقا سىمۋول قىلىنىدۇ.

قىزىل ۋە ئاق رەڭلىك 334 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇنارلار تۈركىيە بايرىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. بۇ مۇنارلار كۆۋرۈكنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز مۇنارلىق ئاسما كۆۋرۈكى» ئۇنۋانىغا ئىگە قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى شېھىتلەر خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «18-مارت شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە زەپىرىنىڭ 107-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى» غا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر