ئوقتاي ئەتە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي ئەتە (2022- يىلى 3- مارت) 12-نۆۋەتلىك بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن قازاقىستانغا بارىدۇ.

1788425
ئوقتاي ئەتە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوقتاي 3 – مارتتىن 5 – مارتقىچە داۋاملىشىدىغان زىيارىتى دائىرىسىدە قازاقىستان باش مىنىستىرى، قوشۇمچە بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىېتىتنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى ئەلىخان ئىسمائىلوف بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئارقىدىن، ئوقتاي بىلەن ئىسمايىلوف ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سودا، سانائەت، ئېنېرگىيە، قاتناش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنلەرنى ئىمزالايدۇ ھەمدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئوقتاينىڭ، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە بىر قىسىم ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئوكتاي زىيارەت پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر