تۈركىيەنىڭ ياردەم ئاپتوموبىللىرى ئۇكرائىناغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە 5 يۈك ماشىنىسىدىن تەركىب تاپقان «ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتى»نىڭ بىرىنچىسىنى يولغا سالدى.

1785813
تۈركىيەنىڭ ياردەم ئاپتوموبىللىرى ئۇكرائىناغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى، رۇسىيەنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن كېيىن پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەر ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئۇكرائىنانىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى؛ ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق 210 كىۋادرات مېتىرلىق ئومۇمىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان چېدىرلار،  پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن ئاپەت چېدىرلىرى، كارىۋات، ئەدىيال، بالىلار ئەدىياللىرى، ئۇخلاش خالتىسى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق ياردەم بۇيۇملىرى بىلەن تازىلىق لازىمەتلىكلىرى بېسىلغان  5 يۈك ماشىنىسى تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى شۆبىسدىن ئۇكرائىناغا قاراپ يولغا چىقتى.

ياردەم ماشىنىلىرىنىڭ بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيەدىن ئۆتۈپ ئۇكرائىناغا كىرىشى پىلانلانماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى ئۇكرائىناغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر