ئوت كەتكەن پاراخوتتىكى تۈركىيە پۇقراسى بىر كىشىنىڭ ئىز - دېرىكى يوق

تۈركىيەنىڭ ئاتىنا (ئافېنا) – پىرېدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى مۇستاپا سومۇنچۇ، گىرېتسىيەنىڭ ئىگومېنىتسا پورتىدىن ئىتالىيەنىڭ بىرىندىسى پورتىغا قاراپ كېتىۋاتقان ئەسنادا ئوت كەتكەن پاراخوتتىكى بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئىز – دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1781328
ئوت كەتكەن پاراخوتتىكى تۈركىيە پۇقراسى بىر كىشىنىڭ ئىز - دېرىكى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاراخوتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ كورفۇ ئارىلىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى زىيارەت سومۇنجۇ، قازاغا يۇلۇققانلارنىڭ ھەرقانداق زۆرۈر ياردەملەر ۋە كونسۇلخانا مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى، دوختۇرخانا ۋە گىرېتسىيە ساقچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز، ئىنشائاللاھ، ئۇمۇ ساق – سالامەت قۇتقۇزۇلغۇسى» دېدى.

سومۇنجۇ، پاراخوت شىركىتى بىلەن توختام تۈزىگەن ساياھەت ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، پاسپورتى يوقاپ كەتكەن پۇقرالارغا ۋاقىتلىق پاسپورت تارقىتىلىدىغانلىقىنى، بارلىق پۇقرالارنىڭ ئىستانبۇلغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندە، گىرېتسىيەنىڭ ئىگومېنىتسا پورتىدىن تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ ئىتالىيەنىڭ بىرىندىسى پورتىغا قاراپ كېتىۋاتقان  بىر پاراخوتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنىدى.

گىرېتسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن يېڭىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىتالىيەمۇ يېقىندىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، كورفۇ ئارىلىغا يۆتكەلگەن 278 كىشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان، ۋەقە جەريانىدا 3 نەپىرى گىرېتسىيە پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 11 كىشى يوقاپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر