ئاقار فۇئاد ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشتى.

1781368
ئاقار فۇئاد ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا ئشىتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان گېرمانىيەدە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆتكۈزمەكتە.

يىغىننىڭ مۇداپىئە سىياسەتلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىدە سۆز قىلغان ئاقار، يىغىن دائىرىسىدە ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشۈپ،  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلار ئۈستىدە سۆزلەشتى.

مىنىستىر ئاقار يەنە، ئىراق كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مەسرۇر بارزانى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، تۈركىيە بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر