ئەردوغان ياشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1771900
ئەردوغان ياشلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترابزوندا ياشلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئەردوغان ياشلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كرىزىسنى ئەسكەرتىپ، تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەسىگە دائىر سوئالىغا جاۋابەن، تاشقى سىياسەتتىكى مەقسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۈشمەن پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ دوست قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ ئاي ئۇكرائىناغا بارىدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭمۇ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا كرىزىسى ئۈستىدە توختالدى.

ئەردوغان، «بىزنىڭ پۈتۈن دەردىمىز ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر... بىز رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز. بۇ رايون ئۈچۈن ياخشى بېشارەت ئەمەس... بۇنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر