تۈركىيە: بۇركىنا فاسودىكى ئۆزگىرىشلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە بۇركىنا فاسودىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1767659
تۈركىيە: بۇركىنا فاسودىكى ئۆزگىرىشلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۇركىنا فاسودا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ۋە پىرېزىدېنت روچ مارك كرىستىئان كابورېنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ سەزگۈر مەزگىلدە بۇركىنا فاسونىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقى، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت بۇركىنا فاسونىڭ ئاساسىي قانۇن تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر