تۈركىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1767504
تۈركىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «24-يانۋاردا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پۇقرالار ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان تېرورلۇق ھەرىكىتىنى ئەيىبلەيمىز. خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلىدىغان بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جازان رايونىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىككى كىشى يارىلانغان بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ يەمەندىكى خۇسىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىن ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بولسا، خۇسىيلار قويۇپ بەرگەن ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالدۇقلىرىنىڭ پايتەخت ئەبۇزەبىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوخشىمىغان رايونلارغا چۈشكەنلىكىنى، ئەمما ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر