ئەردوغان: سالۋادور پىرېزىدېنتىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىم
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سالۋادور پىرېزىدېنتى نايىب بۇكېلېنىڭ ئەتە تۈركىيە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.
1765166
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، سالۋادور پىرېزىدېنتى نايىب بۇكېلېنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەتە تۈركىيەگە كېلىدىغان بۇكېلېغا «ئاق يول بولسۇن!» تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىزگە نىسبەتەن زور شان – شەرەپتۇر. سالۋادور بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمزنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان زىيارىتىڭىز بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»