تۈركىيە ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ بادگىس ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1764496
تۈركىيە ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بادگىس ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە كۆپ ساندا ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى ھەم ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، تۈركىيەنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاش ھەر جەھەتتىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS)، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بادگىس ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى يېڭى قەلئە شەھىرىنىڭ 41 كىلومېتىر شەرقىدە، 18.8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا، 5.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، رايوندا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر