ئەردوغان: تۈركىيە دۇنيادىكى 10 چوڭ دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە قۇدرەت تاپقانلىىنى ۋە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك 10 چوڭ دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1763115
ئەردوغان: تۈركىيە دۇنيادىكى 10 چوڭ دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئايدىندا غەربىي كىپاش قەغەز زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ، ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى% 144 كە يەتكەن، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارىماي  2 مىليون 700 مىڭ كىشىنى قوشۇمچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، 205 دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت سودىسى قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيە كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، گۈللىنىۋاتىدۇ، دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك 10 چوڭ دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. غەربىي كىپاش قەغەز زاۋۇتى ھەققىدە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، مۇھىت ئاسراشنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى باشلايدىغان بۇ زاۋۇت، يېشىل ئۆزگەرتىشكىمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. ئېلىمىزنىڭ 250 مىليون دوللارلىق قەغەز ئىمپورتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بۇ مۇئەسسەسە، 200 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنىمۇ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر