جىھان گۆككايانىڭ قاتىللىرى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا دۆلەت سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى خادىمى جىھان گۆككايانى شېھىت قىلىۋەتكەن تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ 5 تېررورچىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1755152
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتىردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا دۆلەت شۇ ئىشلىرى ئىدارىسى خادىمى جىھان گۆككايانى شېھىت قىلغان تېررورچىلارغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز، تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز. رايوندىكى ھەرىكىتىمىز داۋاملاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.