قالىن: تۈركىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مىخانىزم ئورنىتىش يولىدا تۇنجى قەدەم تاشلاندى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مىخانىزم ئورنىتىش يولىدا تۇنجى قەدەم تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1754810
قالىن: تۈركىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مىخانىزم ئورنىتىش يولىدا تۇنجى قەدەم تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىكاگو ئىشتاتىدا ئاساسلىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك «MAS-ICNA يىللىق قۇرۇلتىيى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كەتكەن قالىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈۋاتقان ئامىللارنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ ۋە پ ي د گە ياردەم بېرىشى، تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالغان «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى تۈپەيلى تۈركىيەگە ھەقسىز رەۋىشتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان  «ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىگە ئېمبارگو ئارقىلىق  كۈرەش قىلىش قانۇنى» ئېمبارگولىرى ۋە بۇ دائىرىدە « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسىدىن تۈركىيەنىڭ چىقىرىۋېتىلىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەنقەرەنى قايىل قىلالىغۇدەك ئىجابىي قەدەملەرنىڭ تاشلانماسلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنقەرەنىڭ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرى نەزەردە تۇتۇلىدىغان سىياسەت باسقۇچىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرىلەر قىلىنىدىغان بىر مىخانىزمنىڭ ئورنىتىلىشى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە مىخانىزم ئورنىتىلىشى ۋە يولغا  قويۇلۇشى ھەققىدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاشىنگتونغا مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش ھەم ھوقۇقتا باراۋەرلىك ئاساسىدا، ئادىل، ئوچۇق – يورۇق مۇناسىۋەتلەر سۈپىتىدە كەڭ دائىرىلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز، بۇ  جەھەتتە، تۈركىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرى، مۇھىم كۈنتەرتىپلىرى ۋە تەھدىت تۇيغۇسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ دائىرىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاكتىپ كۈنتەرتىپكە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈنمۇ سۆھبەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر