ئەردوغان ئافرىقالىق ياشلار بىلەن ئۇچراشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 3 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئافرىقا ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافرىقا ياشلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1749268
ئەردوغان ئافرىقالىق ياشلار بىلەن ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئافرىقا ياشلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ئورتاقلىشىپ: «3 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئافرىقا ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ئافرىقا ياشلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. دۆلەتلىرىگە قايتقىنىدا تۈركىيەنىڭ پەخرىي ۋەكىلى بولىدىغان بۇ ياشلارنىڭ سەمىمىيلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئۇچۇرىدا: «ئافرىقا ياشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمىزدا، كىتابىمنى ئوقۇغان توگولۇق بىر ياش بىلەن <تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيانى قانداق بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى> توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق. ئىنشائاللاھ، ئافرىقالىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، ئادالەت كۈرىشىمىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

سىن كۆرۈنۈشىدە، ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ چادلىق ئوقۇغۇچىسى ئۆمەر يەھيانىڭ ئىستىقلال شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ «زۇلۇمنى ئالقىشلىيالمايمەن» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇغان قىسىمغا ئورۇن بېرىلدى.

يەھيا شېئىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەردوغان: «ماشاللاھ، سەن بۇ شېئىرنى مەندىن ياخشىراق ئوقۇدۇڭ، مەن بۇ شېئىر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنىدىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر