مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 30 -نويابىردىن 1-دېكابىرغىچە لاتۋىيەنىڭ پايتەختى رىگادا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
1740061
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان يىغىندا، 2022-يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مادرىد باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالدىدىكى جەرياندا ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يىغىن جەريانىدا بىر قىسىم مەنسەپداشلىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.