ئامېرىكا تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) ئامېرىكانىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1735459
ئامېرىكا تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 16-نويابىر بەشبۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە گۇرۇپپىسى يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى لاۋرا كوپېر باياناتىدا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەيئەتلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد ئوستىن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاكار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئاساس قىلىدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

يىغىن جەريانىدا ئافغانىستان، ئافرىقا، جەنۇبىي كاۋكاز، شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى شۇنداقلا لاۋرا كوپېرنىڭمۇ قارا دېڭىزدىكى ھەمكارلىقنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ئىككى تەرەپ يەنە، ئۆزئارا مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇداپىئە مۇناسىۋىتىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىمىزنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى. مەسلىھەتچى كۇپېر ئامېرىكانىڭ ناتوغا قىلىدىغان ياردىمى دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى» دېيىلدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا بولسا، «ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىجابىي ۋە ياخشى كەيپىياتتا ئۆتتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر