تۈركىيە-ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش ئىجابىي ئۆتتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇچرىشىشىنىڭ ئىجابىي مۇھىتتا ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1735074
تۈركىيە-ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش ئىجابىي ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇچرىشىشىنىڭ ئىجابىي مۇھىتتا ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ھەمدە كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشىگە دائىر پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، تۈركىيە-ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يىغىن ھەققىدىكى باياناتتا، «ئىجابىي مۇھىتتا ياخشى ئۆتتى، يىغىندا ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مۇداپىئە شۇنداقلا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە دائىر پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىشى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر