4- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى كامال خەلقئارا كارىبو ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى
كاراماندا ياشايدىغان 4- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى كامال ئارسلان ئىنتېرنېتتە ئۆتكۈزۈلگەن كانادادا مەركەزلىك خەلقئارا كارىبو ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى.
1731437
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامال ئارسلاننىڭ دادىسى يۈك ماشىنىسى شوپۇرى، ئانىسى ئائىلە ئايالى بولغۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 11742 ئوقۇغۇچى قاتناشقان مۇسابىقىدە ئۆز تۈرى بويىچە بارلىق سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىپ بىرىنچى بولدى.
ھەم ئائىلىسىنى ھەم ئوقۇتقۇچىلىرىنى پەخىرلەندۈرگەن كامال ئارسلان ئۆزىنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتنى ئەمگەك قىلىش ۋە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
كامال ئارسلان ئۆزىنىڭ بىرىنچى بولغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، چوڭ بولغاندا پەت تەتقىقاتچى ئالىم بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.