فىرانسىيەنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم
فىرانسىيەنىڭ لافارگې شىركىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مەزمۇن قىلغان «فابرىكا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 12-نويابىر تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قانىلى «TRT Haber» دە تارقىتىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئااقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سېمونت زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولغان فىرانسىيەنىڭ لافارگې شىركىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مەزمۇن قىلغان ۋە ئىككى يىللىق تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئاخباراتچىلىقىنىڭ مىۋىسى بولغان «فابرىكا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ «TRT Haber» قانىلىدا تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچىرىدا، ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تونۇشتۇرۇش ۋىدېئوسىغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن فىرانسىيە شىركىتى، مىليونلىغان دوللار ۋە ئارقىسىدىكى مەينەت مۇناسىۋەتلەر... ئىنسان ھاياتى ئەرزىمەس سانالغان ۋە مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنساننى جېنىدىن ئايرىغان تۈزۈم..... دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم <The Factory> 12-نويابىردا <TRT Haber> دە تارقىتىلىدۇ» دېدى.