تۈركىيە نىگېرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە نىگېردا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

1729689
تۈركىيە نىگېرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، نىگېرنىڭ تىللابېرى رايونىغا جايلاشقان بىر يېزىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى ۋە ھۇجۇمدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرىغا، قېرىنداش دۆلەت نىگېر خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

نىگېر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئالكاچى ئەلھادا، دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا،  2-نويابىر  كۈنى، تىللابېرى رايونىنىڭ ئاداب-داب يېزىسىنىڭ نامەلۇم قوراللىق تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا مەزكۇر يېزا قاراشلىق بولغان بانىبانگۇ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 69 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر