تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

1728340
تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كابۇلدىكى سەدار داۋۇدخان ھەربىي دوختۇرخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىككى بومبا ھۇجۇمى ۋە ئارقىدىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ئۇلارنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرى بىلەن دوست ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىدىن ھال سورايمىز ۋە يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تالىبان ئەمەلدارى ئېنىق سانىنى تىلغا ئالماستىن ھۇجۇملاردا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ۋەقەدە كەم دېگەندە 20 ئادەمنىڭ يارىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا 10 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر