تۈركىيە يەمەندىكى بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە يەمەننىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى ئادەندە ئايرودرومنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1726963
تۈركىيە يەمەندىكى بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئادەن ئايرودرومىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ بولغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيمىز. دوست ۋە قېرىنداش يەمەن خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى بىلدۈرۈمىز» دېيىلدى.

مەزكۇر بومبا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 10 كىشى قازا قىلغان، 20 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر