فاھرەتتىن ئالتۇن باش ئەلچىلەر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھھرەتتىن ئالتۇن باش ئەلچىلەر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، «ھۆكۈمىتىمىز زۆرۈر تېپىلغاندا دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، باشقا قەدەملەرنى تاشلاشتىن چېكىنمەيدۇ» دېدى.

1725107
فاھرەتتىن ئالتۇن باش ئەلچىلەر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن 10 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ سودا سانائەتچى ئوسمان كاۋالانىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە دائىر باياناتلىرىدىن چېكىنىپ، ۋىيېننا شەرتمانىسىنىڭ 41-ماددىسىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانلىقلىرىغا قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېر ئادرېسىدا «ئەردوغانغا رەھمەت» دېگەن خەتكۈچ بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدىكى 10 ئەلچىخانا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان باياناتقا قارشى كۆرسەتكەن رەھبەرلىكىدىن مىننەتدارمىز. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ بۇ ھۆرمەتسىزلەرچە ئېلان قىلىنغان باياناتقا قايتۇرغان ئىنكاسى، ئۇنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا بولغان ساداقىتى ۋە سەزگۈرلۈكىنىڭ نەتىجىسى. تۈركىيە ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى ۋە خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئەدلىيە ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى. بىز باشقا دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ۋەكىللىرىدىنمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز بۇ چەت ئەل ۋەكىللىرىگە كېرەكلىك جاۋابىنى بەردى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بۇ قىلمىشلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ھۆكۈمىتىمىز زۆرۈر تېپىلغاندا، دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، باشقا قەدەملەرنى تاشلاشتىن ھەرگىز چېكىنمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر