سويلۇ: بىرى «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىن بولۇپ 2 تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ماردىندا بىرى «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دىن بولۇپ ئىككى تېررورچىنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
1724660
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماردىننىڭ ئارتۇقلۇ يېزىسىدا ئالاھىدە ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى، ھەرىكەت نەتىجىسىدە، بىرى «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىكى «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دىن بولۇپ ئىككى تېررورچىنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە ساقچىلارنى تەبرىكلىدى.