چاۋۇشئوغلۇ كورېيە ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ قەبىرىسنى يوقلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىدىكى كورېيە ئۇرۇشىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلىرى قويۇلغان ب د ت خاتىرە قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى.
1723866
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بۇساندىكى ب د ت خاتىرە قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە يېتىۋاتقان تۈرك ئەسكەرلىرىگە دۇئا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
شېھىتلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا خاتىرە قەبرىستانلىقىغا گۈلچەمبىرەك قويغان چاۋۇشئوغلۇ، قەبرىستانلىق ۋە مۇزېي زىيارىتىدىن كېيىن خاتىرە دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى يازدى.