ئون دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

پايتەخت ئەنقەرەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 10 باش ئەلچى سودا - سانائەتچى ئوسمان كاۋالا دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرى سەۋەبىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

1721444
ئون دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە، كانادا، نورۋېگىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى بىلەن (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى باشلىقى فارۇق قايماقچى كۆرۈشكەن.

تەخمىنەن 20 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، 10 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىغا (ئوسمان كاۋالا توغرىسىدىكى) باياناتلىرىنىڭ «ھەددىنى ئاشقان» ۋە «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» بايانات ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، كاۋالا ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشنىڭ تۈركىيەدە دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا كۈلەڭگە چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

پايتەخت ئەنقەرەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 10 باش ئەلچى كاۋالا دەۋاسى توغرىسىدىكى باياناتلىرى سەۋەبلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر