ئەتىياز - ياز پەسلىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەتىياز - ياز پەسلىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك 39 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 127 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1712938
ئەتىياز - ياز پەسلىدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021 – يىلى ئاپرېلدا باشلانغان ئەتىياز – ياز پەسلى «ئەرەن» ھەربىي ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاندى.

بۇ جەرياندا، 4 ى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى»، 1 ى «كۆك رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى»، 10 ى «قىزغۇچ رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى»، 17 ى «كۈل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» كاتېگورىيەسىدىكى ۋە  5 ى رەڭ كاتېگورىيەسىدە بولمىغان ئاتالمىش  يۇقىرى دەرىجىلىك 39 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 127 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى؛ 402 پاناھ جاي، غار ۋە يەر ئاستى ئىسكىلاتى، 242 مىنا، پارتلاتقۇچ، 271 قورال – ياراغ، 258 قول بومبىسى،  632 تۈپ (تۇڭ) ۋە 13 توننا يېمەك - ئىچمەك ھەم تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر