ئەزىز سانجار «بىلىم ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ئويغىنىشى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى)گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كومىتېتى يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى.

1710898
ئەزىز سانجار «بىلىم ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ئويغىنىشى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئۆزبېكسىتان بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكسىتان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى)غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىستانبۇلدا كۈتۈۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيەنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئۆزبېكسىتان بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزگەن ئالاھىدە سودا كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن سودا ھەجىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە بىر – بىرلىرىنىڭ ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى تۈرك تەتقىقاتچى ئەزىز سانجارنىڭ تۈرك كېڭىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ كەچلىك زىياپىتىگە شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۇچۇرىدا، «تۈرك كېڭىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىمىزنىڭ كەچلىك زىياپەت شەرەپ مېھمىنى، ئەڭ چوڭ ئارزۇسى تۈرك دۇنياسى ئىتتىپاقىنى كۆرۈش بولغان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئىلىم ئەربابىمىز ئەزىز سانجار ئىدى. ئەزىز سانجارنىڭ <بىلىم ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ئويغىنىشى> تېمىلىق لېكسىيەنى قىزىقىش ئىچىدە ئاڭلىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر